ئوكيان تور خەۋەرلىرى

مىسىرنىڭ ئىككىنچى پەسىللىك چەتئەل بىۋاستە مەبلىغى زور دەرىجىدە ئاشتى
مىسىرنىڭ ئىككىنچى پەسىللىك چەتئەل بىۋاستە مەبلىغى زور دەرىجىدە ئاشتى

شىنخۇا تورىنىڭ 17-ماي خەۋىرى: مىسىر مەركىزىي بانكىسى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2011-2012 مالىيە يىلى ئىككىنچى پەسىللىك جەلپ قىلغان چەتئەل بىۋاستە مەبلىغى 858 مىليون 200 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئالدىنقى بىر پەسىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %95 ئاشقان.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى يەنىلا مىسىرنىڭ چەتئەل بىۋاستە مەبلىغىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق كېلىش مەنبەسى بولۇپ، ئىككىنچى پەسىلدە مىسىرغا سالغان بىۋاستە مەبلىسىنىڭ سوممىسى 656 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، بىرىنچى پەسىلدىكىدىن %30 ئاشقان.
بارلىق ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىدە، ئەنگىلىيەنىڭ مىسىرغا سالغان مەبلىغىنىڭ سوممىسى 335 مىليون 500 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان، بېلگىيە ۋە فرانسىيە ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرغان.
(نەپرەت)

ب د ت ئالاھىدە ئەلچىسى ئاننان سۇرىيەنى زىيارەت قىلىدۇ
ب د ت ئالاھىدە ئەلچىسى ئاننان سۇرىيەنى زىيارەت قىلىدۇ

جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 17-ماي خەۋىرى: روسىيە ئاخبارات تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 17-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سۇرىيە پرېزىدېنتى بەشار ئاساد بىلدۈرۈشىچە، ب د ت ۋە ئەرەب ئىتتىپاقىنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى ئاننان سۇرىيەنى زىيارەت قىلىدىكەن ھەمدە دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشىدىكەن.
بەشار ئاساد روسىيە تېلېىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا:«ئۇلار (غەرب) ھەمىشە ھۆكۈمەتنىڭ زوراۋانلىقىنىلا ئەيىبلەيدۇ، ئەمما تېرورچىلارنى تىلغا ئېلىپ قويمايدۇ. بىز يەنىلا ساقلاۋاتىمىز. ئاننان ئەپەندى بۇ ئايدا سۇرىيەنى زىيارەت قىلىدۇ، مەن ئۇنىڭدىن بۇنىڭ زادى نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى سورايمەن» دېگەن.
(نەپرەت)

فىلىپپىن بىلەن جۇڭگو قوراللىق توقۇنۇشسا بولمايدۇ
فىلىپپىن پرېزىدېنتى جۇڭگو بىلەن قوراللىق توقۇنۇش يۈز بەرسە بولمايدۇ دېدى

خەلق تورى 17-ماي خەۋىرى: تەيۋەن «مەركىزى ئاگېنتلىقى» خەۋىرىدە، 16-ماي كۈنى، فىلىپپىن پرېزىدېنتى 3-ئەۋلاد ئاكىنو ئاكاتىدىكى بىر سودا مەكتەپتە مەكتەپداشلار يىغىنىغا قاتناشقاندا، فىلىپپىن ھۆكۈمىتى دىپلوماتىيە ۋاستىسى ئارقىلىق تالاش-تارتىشنى ھەل قىلىشنى قايتا تەكىتلەپ، فىلىپپىن جۇڭگو بىلەن قوراللىق توقۇنۇش يۈز بەرسە بولمايدۇ دېدى.

ئۇ فىلىپپىن جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدە فىلىپپىن جۇڭگو بىلەن قوش غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ۋاز  كەچمەيدىغانلىقىنى، جەنۇبىي دېڭىز رايونىدىكى بايلىقتىن ئورتاقلىشىشنى، پۈتۈن رايوننىڭ ئوتتۇرا شەرق يەنى شىمالىي ئافرىقىغا تايىنىپ قېلىشنى ئازايتىشنى، بىراق باشقا دۆلەتلەرنىڭ فىلىپپىننىڭ قانۇنلۇق زېمىنىنى تارتىۋېلىشقا يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ يەنە، مەيلى قانداق ئەھۋال بولىشىدىن قەتئىينەزەر، فىلىپپىن ھەر قانداق ئۇسۇل ياكى ھەربىي ھەرىكەت بىلەن جۇڭگوغا تەھدىت سالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

5-ئاينىڭ باشلىرىدا ئاكىنو مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پىكىرنى بايان قىلغان. ئۇ 4-ماي كۈنى ئاخبارات ۋاستىلىرىغا جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىنى ئىككى بۆلەككە بۆلىدىغانلىقىنى، «بىر تەرەپتىن سىياسىي كېڭىشىش ئېلىپ بېرىش، يەنە بىر تەرەپتىن سودا تەرەققىياتىنى قانات يايدۇرۇش» نى بىلدۈردى.  جەنۇبىي دېڭىز ئىگىلىك ھوقۇقى ھەم ماي-گاز مەنبەسىنى ئېچىش مەسىلىسىدە، جوڭگۇ نەنشاچۈن ئارىلى ھەم ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىگە نىسبەتەن مۇقەررەر ئىگىلىك ھوقوقىمىز بار دەپ قارايدۇ. جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى كۆپ قېتىم، ھەر قانداق دۆلەت ياكى شىركەت جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ، جۇڭگو تەۋەلىكىدە ماي-گاز تەكشۈرۈپ ئېچىش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانسا، جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتىگە دەخلى-تەرۇز قىلغانلىق بولۇپ، ھەممىسى قانۇنسىز ۋە ئىناۋەتسىز دەپ تەكىتلىگەن ئىدى.

گۈلچەھرە تەرجىمىسى

شىمالىي كورىيە نيوڭبىيان يېنىك سۇ رېئاكتورى قۇرۇلىشىدا يېڭى ئىلگىرلەش بار
شىمالىي كورىيە نيوڭبىيان يېنىك سۇ رېئاكتورى قۇرۇلىشىدا يېڭى ئىلگىرلەش بار

خەلق تورىنىڭ 17-ماي خەۋىرى: شىمالىي كورىيەنىڭ نيوڭبىيان يادرو ئەسلىھەسى ئىچىدىكى يېنىك سۇ رېئاكتورىنى قۇرۇشنى قايتا باشلىغانلىقى ھەققىدە ئالامەتلەر كۆرۈلگەن. جەنۇبىي كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقى جونس خوپكنس (Johns Hopkins) ئۇنۋېرسىتىتى يۇقىرى دەرىجىلىك خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر تەتقىقات ئورگىنى ئامېرىكا جەنۇبىي كورىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ ئۇچۇرىنى نەقىل قىلىپ يۇقىرىقى خەۋەرنى بەرگەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، جەنۇبىي كورىيە ئامېرىكا تەتقىقات ئورنى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى تارتقان سۈنئىي ھەمرا سۈرىتىگە ئاساسلانغاندا، شىمالىي كورىيە نيوڭبىيان يادرو ئەسلىھەسى رايونىدىكى يېنىك سۇ رېئاكتورىدىكى بىخەتەرلىك قۇرۇلىشىدا ئىلگىرلەش بولغان. قۇرۇلۇشنىڭ چوققىسىدا پولات بىتونلۇق قۇرۇلمىنىڭ بارلىقىنى بايقىغىلى بولىدىغانلىقىنى، بۇرۇنقى سۈرەتلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، قۇرۇلۇشنىڭ ئېگىزلىكى كۆتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىكەن.
خەۋەردە ئامېرىكا جەنۇبىي كورىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ پەرىزىنى نەقىل قىلىشىچەم نيوڭبىيان يېنىك سۇ رېئاكتورى 2015-يىلدىن بۇرۇن قوزغىتىلمايدىكەن. 2011-يىلى، شىمالىي كورىيە يېڭى يېنىك سۇ رېئاكتورى قۇرۇلىشىنى تېزلەتكەن، ئەمما 2012-يىلى 12-ئايدىن باشلاپ بۇ يىل 2-ئايغىچە دەسلەپكى قۇرۇلۇش تۈرى ئىزچىل توختاپ قالغان ھالەتتە تۇرغان، 3-ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ قايتا باشلانغان.
ئامېرىكا جەنۇبىي كورىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ قارىشىچە، يېڭى يېنىك سۇ رېئاكتورى قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ توختاپ قېلىشىنىڭ سەۋەبى شىمالىي كورىيە دۆلەت مۇداپىئە كومىسسارى كىم جوڭئىلنىڭ تۇيۇقسىز ۋاپات بولىشى مۇمكىن ئىكەن، ئەمما قىش پەسلىدە تېمپراتورىنىڭ تۆۋەن بولىشى تېخىمۇ بىۋاستە سەۋەبى بولىشى مۇمكىن.
شىمالىي كورىيە ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئىقتىساد تەتقىقات ئورگىنى بۇ يىل 3-ئايدا ياپونىيە ئاخباراتلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، نيوڭبىياندا قۇرۇلىۋاتقان يېنىك سۇ رېئاكتورى 100 مىڭ كىلوۋاتلىق بولۇپ، 2012-يىلىنىڭ ئاخىرىدا تاماملانغاندىن كېيىن دەرھال ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
(نەپرەت)

يەمەن ئارمىيىسى ئەل قائىد تەشكىلاتىنى داۋاملىق قورشىماقتا
يەمەن ئارمىيىسى ئەل قائىد تەشكىلاتىنى داۋاملىق قورشىماقتا

جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 17-ماي خەۋىرى: چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى يەمەننىڭ شەرقىي رايونىغا ھاۋا ھۇجۇمى قىلىپ، ئەل قائىد تەشكىلاتىنىڭ ئىككى قوراللىق خادىمىنى پارتلىتىپ تاشلىغان. بىرلا ۋاقىتتا، يەمەن ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ ئەل قائىد تەشكىلاتىنى ئومۇميۈزلۈك قورشاش ھەرىكىتى 6-كۈنىگە قەدەم قويغان.
5-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن باشلاپ، يەمەن ھۆكۈمەت ئارمىيىسى ئامېرىكا مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ياردىمى ئاستىدا، يەمەننىڭ جەنۇبىدىكى ئەل قائىد تەشكىلاتىنىڭ تايانچ نۇقتىلىرىغا ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇم قوزغاپ، ئەل قائىد تەشكىلاتى ئىشغال قىلىۋالغان شەھەر بازارلارنى قايتۇرۇپ كەلمەكچى بولغان. ئەل قائىد تەشكىلىنىڭ نىشانلىرىغا قارىتىلغان ھاۋا ھۇجۇمى بارغانسېرى كۆپەيگەن.
ئۆتكەن 6 كۈندە، ئاز دېگەندە 144 ئادەم ئېتىشىشتا ئۆلگەن. ئۇرۇش ئاساسلىقى جەنۇبتىكى ئابيان ئۆلكىسىنىڭ لودېر، جار ۋە زىنجىبار قاتارلىق 3 شەھەر بازاردا يۈز بەرگەن.
قورشاش ھەرىكىتىگە قاتناشقان ھەربىي ئەمەلدار 5-ئاينىڭ 17-كۈنى دېيىشىچە، لودېر بازىرىنىڭ ئەتراپىنى تايانچ قىلغان قوراللىق كۈچلەر چېكىنىشكە باشلىغان. تەخمىنەن 20 مىڭ ئەسكەر بۇ قېتىمقى ھەرىكەتكە قاتناشقان.
(نەپرەت)

ناتو دۆلەتلىرىنىڭ پاكىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلىرى تەھدىتكە ئۇچرىدى
ناتو دۆلەتلىرىنىڭ پاكىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلىرى تەھدىتكە ئۇچرىدى

جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 17-ماي خەۋىرى: گېرمانىيە ئاۋازى تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 5-ئاينىڭ 16-كۈنى، فرانسىيە، ئەنگىلىيە، ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن غەرب دۆلەتلەرنىڭ پاكىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى گۇمانلىق ئۇۋاق نەرسە سېلىنغان تەھدىت خېتى تاپشۇرۇۋالغان.
خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ دېپلوماتىيە ئەمەلدارى ۋە پاكىستان ساقچىلىرى بىلەن ئىسلامئابادتا ئالاقىلىشىشىچە، تەھدىت خېتىدە ئەگەر غەرب قوشۇنى تالىبانغا ھۇجۇم قىلسا، ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ش ئا ئە ت ئەسكەرلىرىگە زەھەر سالىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
تەكشۈرۈش خادىملىرى خەت بىلەن تەڭ كەلگەن قوڭۇر رەڭلىك ئۇۋاق نەرسىنىڭ تەركىبىدە نېمىلەر بارلىقىنى ئېنىقلاۋېتىپتۇ.
(نەپرەت)

ئافغانىستان فاراھ ئۆلكىسىنىڭ ھۆكۈمەت بىناسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى
ئافغانىستان فاراھ ئۆلكىسىنىڭ ھۆكۈمەت بىناسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 17-ماي خەۋىرى: چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئافغانىستان ساقچىلىرىنىڭ دېيىشىچە، ئافغانىستاننىڭ غەربىدىكى فاراھ ئۆلكىسىنىڭ ھۆكۈمەت بىناسى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرىدىكى ھۇجۇمغا ئۇچراپ، ساقچى ۋە ھۇجۇم قىلغۇچىلار ئارىسىدا قوراللىق ئېتىشىش يۈز بەرگەن. 4 نەپەر ھۇجۇم قىلغۇچى ئۆلگەن، ئېتىشىشتا باشقا يەنە 7 ئادەم ئۆلگەن، 12 ئادەم يارىدار بولغان.
يەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى دېيىشىچە، ئېتىشىشتا جەمئىي 7 ئادەم ئۆلگەن بولۇپ، 6 نەپىرى ساقچى، بىر نەپىرى پۇقرا ئىكەن؛ 3 ساقچى ۋە 9 پۇقرا بولۇپ جەمئىي 12 ئادەم يارىدار بولغان. باياناتچى بىرلا ۋاقىتتا 4 نەپەر ھۇجۇم قىلغۇچىنىڭ ھەممىسى ئۆلگەنلىكىنى ئىسپاتلىغان.
ئافغانىستان ئىچكى سىياسىي ئىشلار مىنىستېرلىكىنىڭ باياناتچىسى دېيىشىچە، 2 ھۇجۇم قىلغۇچى بەدىنىگە تېڭىۋالغان بومبىنى پارتلاتقان، باشقا ئىككى ھۇجۇمچىنى ساقچىلار ئېتىپ تاشلىغان.
(نەپرەت)

روسىيە ئىسرائىلىيىدىن بىر تۈركۈم ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان سېتىۋالماقچى
روسىيە ئىسرائىلىيىدىن بىر تۈركۈم ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان سېتىۋالماقچى

Orbiter2
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 16- ماي خەۋىرى: روسىيە ئاخبارات تورىنىڭ خەۋىرىدە دىيىلىشىچە، روسىيە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك خادىمى روسىيە ئاخبارات ئاگىنتلىقىغا ئاشكارىلىشىچە، روسىيە يېقىندا ئىسرائىلىيىدىن بىر تۈركۈم ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ۋە  24 يۈرۈش مەشغۇلات كونترول سېستىمىسى كىرگۈزۈشى مۇمكىن ئىكەن.
مەزكۇر خادىم: » دۆلەت بىخەتەرلىك قىسمى ھازىر ئىسرائىلىيە ئاۋىئاتسىيە مۇداپىئە سىستېمىسى شىركىتى(Aeronautics Defense Systems )   دىن جەمئىي Orbiter2 ,Aerostar Skystar ق اتارلىق ئۈچ خىل تىپتىكى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ مەشغۇلات باشقۇرۇش سېستىمىسىنى سېتىۋېلىپ سىناق قىلىش مۇمكىنچىلىكى بار، ھەربىر خىل ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان سېستىمىسىدىن  8 يۈرۈشتىن بولۇپ، جەمئىي 24 يۈرۈش سېتىۋالماقچى « دېگەن.
ئۇ يەنە ھەر بىر يۈرۈش مەشغۇلات باشقۇرۇش سېستىمىسىنى  2 ،3 ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانغا خىزمەت قىلدۇرۇشنى ئويلاشقانلىقىنى، ئىسرائىلىيىدىن كىرگۈزۈلىدىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ سانى  48 دانىدىن  72 دانە ئارىسىدا بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ قېتىملىق سودىنىڭ قىممىتى 53 مىليون ئامرىكا دوللىرى بولىشى مۆلچەرلەنگەن.
(زۇبەيدە)

ئامېرىكا روسىيە ئالاھىدە تارماقلىرى ئافغانىستاندا 2 توننا خىروئىننى قولغا چۈشۈردى
ئامېرىكا روسىيە ئالاھىدە تارماقلىرى ئافغانىستاندا 2 توننا خىروئىننى قولغا چۈشۈردى

جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 16-ماي خەۋىرى: روسىيە ئاخبارات تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، روسىيە فېدراتسىيە ناركوز دورىلىرى ۋە نېرۋا دورىلىرىنى نازارەت قىلىش باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋېكتور ئىۋانوف 5-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا، روسىيە ئالاھىدە تارماقلىرى ئافغانىستاندا بىرلەشمە ئالاھىدە ھەرىكەت قىلىپ، 2 توننىدىن ئارتۇق خىروئىننى قولغا چۈشۈرگەن.
ئىلگىرى ۋېكتور ئىۋانوف ئاخباراتلارغا روسىيە، ئامېرىكا ۋە ئافغانىستان ئالاھىدە تارماقلىرىنىڭ ئافغانىستاندا زەھەر گۇرۇھلىرىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك ئالاھىدە ھەرىكەت ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
(نەپرەت)
ئافغانىستاننىڭ شىمالىدىكى500 زەھەر ئۇۋىسى روسىيەگە زەھەر ئەتكەس قىلىۋاتىدۇ
ئامېرىكا روسىيە ئافغانىستاندا تۇنجى قېتىم زەھەر ئەسكەتچىلىرىگە بىرلىكتە زەربە بەردى

بوسنىيە گېرتسوگوۋىنا سېرىب قىسىملىرىنىڭ قوماندانى مىلادىچ سوتلاندى
بوسنىيە گېرتسوگوۋىنا سېرىب قىسىملىرىنىڭ قوماندانى مىلادىچ سوتلاندى

جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 16-ماي خەۋىرى: ئەنگىلىيە ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بوسنىيە گېرتسوگوۋىنا سېرىب ئارمىيىسىنىڭ كوماندىرى مىلادىچ 5-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۇرۇش جىنايىتى، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتى ۋە ئىرقىي يوقىتىش جىنايىتى قاتارلىق 11 تۈرلۈك جىنايەتلىرى ئۈچۈن خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىدا سوتلانغان.
راتكو ملادىچ (Ratko Mladic) خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىدا سوت قىلىنىۋاتقان ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىكى بالقان ئۇرۇشىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مۇھىم شەخس. ئۇ ئىرقىي يوقىتىش جىنايىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 11 تۈرلۈك ئۇرۇش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن بولۇپ، 1995-يىلى سرېبرېنىتسادا 8000  مۇسۇلماننى قىرغىن قىلىشقا قوماندانلىق قىلغان. بەزى مۇخبىرلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مىلادىچ ئەيىبلەنگەن ئۇرۇش جىنايەتلىرى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن پۈتكۈل ياۋروپادىكى ئەڭ رەززىل جىنايى قىلمىشلار ئىكەن.
70 ياشقا كىرەي دەپ قالغان مىلادىچ 15 يىلغا يېقىن قېچىپ يۈرگەندىن كېيىن سېرىب قوشۇنلىرى 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى تۇتۇۋالغان ھەمدە خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن. ئۇ جىنايى ئىشلار خاگېدا ئۆزىنىڭ سىياسىي رەھبىرى كارادىچ قامالغان ئوخشاش بىر تۈرمىگە قامالغان.
ئىگىلىنىشچە، كەلگۈسىدىكى 200 نەچچە سائەتكە سوزۇلغان سوتتا، سوت 400 نەچچە شاھىتنى سوتتا ئىسپات بېرىشكە چاقىرىدىكەن.
2008-يىلى تۇتۇلغان كارادىچ دېلوسى نۆۋەتتە سوتلىنىپ يېرىمىغا كەلگەن بولۇپ، ئۇمۇ مىلادىچقا ئوخشاش ئۇرۇش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن.
(نەپرەت)
سابىق بوسنىيە سېرىب رەھبىرى مىلادىچ قولغا ئېلىندى

ئۆزبېكىستان 500 دۆلەت كارخانىسىنى سېتىۋېتىشنى پىلانلىدى
ئۆزبېكىستان 500 دۆلەت كارخانىسىنى سېتىۋېتىشنى پىلانلىدى

خەلقئارا لىنىيە تورىنىڭ 16-ماي خەۋىرى: ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 5-ئاينىڭ 16-كۈنىدىكى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى كەلگۈسى ئىككى يىلدا 500 دۆلەت كارخانىسىنى سېتىۋېتىپ، شەخسىي ئىگىلىكنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىشنى پىلانلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۆزبېكىستان دۆلەت ئىلكىدىكى مال-مۈلۈك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سەيفىدىن گافاروۋ 5-ئاينىڭ 15-كۈنى دېيىشىچە، سېتىۋېتىلمەكچى بولغان دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلار نېفىت، تەبىئىي گاز، پولات- تۆمۈر، يېزا ئىگىلىك، ئېلىكتر ۋە دورىگەرلىك قاتارلىق كۆپلىگەن كارخانىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئۆزبېكىستاننىڭ شەخسىي ئىگىلىكتىكى بىر ئاخبارات ۋاستىسى ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنىڭ سۆزىنى نەقىل قىلىشىچە، بۇ قېتىمقى سېتىۋېتىش پىلانىنىڭ مەقسىتى چەتئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلىپ، ئۆزبېكىستاننىڭ تېخنىكا سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئىكەن.
بۇ يىل 4-ئايدا، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى باج ئېلىشتا ئېتىبار بېرىش ۋە ھۆكۈمەتنىڭ چەتئەل مەبلىغىدىكى كارخانىلارغا ئارىلىشىشىنى ئازلىتىش قاتارلىق سىياسەتلەرنى قوللىنىپ مەبلەغ سالغۇچىلارنى جەلپ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
(نەپرەت)

ئىران ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ پارس قولتۇقىدىكى ھەرىكەتلىرىنى قاتتىق كۆزەتمەكتە
ئىران ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ پارس قولتۇقىدىكى ھەرىكەتلىرىنى قاتتىق كۆزەتمەكتە

جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 16-ماي خەۋىرى: ئىران ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىران ئىسلام ئىنقىلابىي ئەترىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر كوماندىرى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى دېيىشىچە، ئىران دېڭىز ئارمىيىسى ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر رايوندىكى ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ بارلىق كېمىسىنى قاتتىق نازارەت قىلىۋاتقان بولۇپ، كېمىلەرنىڭ پارس قولتۇقى سۇ ساھەسى ۋە ھورمۇز بوغۇزىدىكى ھەر بىر ھەرىكىتىنى كۆزىتىۋېتىپتۇ.
مەزكۇر ئەمەلدارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي ۋە خەلق ئىشلىرىغا ئىشلىتىدىغان كېمىلىرى پارس قولتۇقى سۇ ساھەسىدىكى ھەرىكىتى چوقۇم ئىراننىڭ ئىجازىتىگە ئېرىشىشى كېرەك ئىكەن.
ئىران 4-ئايدا  تەكىتلەپ، ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھورمۇز بوغۇزىدىن ئۆتىدىغان ھەر قانداق چەتئەل كېمىلىرىنىڭ ئىران دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان.
خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى نۆۋەتتە دېڭىز قولتۇقى رايونىغا ئىككى ئاۋىئاماتكا ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئەرەب دېڭىزىنىڭ شىمالىغا «لىنكولىن» ناملىق ئاۋىئاماتكىنى ھەمدە ئادىن قولتۇقىغا «كارخانا» ناملىق ئاۋىئاماتكىنى ئورۇنلاشتۇردى. بىراق ئامېرىكا دېڭىز قولتۇقى رايونىغا ئورۇنلاشتۇرغان ئاۋىئاماتكا سانىنىڭ ئېشىشىنىڭ ئىران يادرو مەسىلىسى بىلەن ئالاقىسى يوقلىقىنى قايتا تەكىتلىدى.
(نەپرەت)

ب د ت ماشىنا ئەترىتى سۇرىيەدە بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
ب د ت ماشىنا ئەترىتى سۇرىيەدە بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

خەلقئارا لىنىيە تورىنىڭ 16-ماي خەۋىرى: ئامېرىكا CNN تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 16-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ب د ت نىڭ ئالاقىدار دائىرلىرى ئىسپاتلىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى، ب د ت كۆزەتكۈچى خادىملىرى ئولتۇرغان 4 ماشىنا سۇرىيەنىڭ غەربىي شىمالىدا بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان، بەختكە يارىشا پارتلاشتا خادىملارنىڭ ئۆلۈش ۋە يارىدار بولۇشى كۆرۈلمىگەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، پارتلاش چۈشتىن كېيىن سائەت 14 دە يۈز بەرگەن، ب د ت كۆزەتكۈچى خادىملىرىنىڭ ماشىنا ئەترىتى سۇرىيەنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئىدلىب ئۆلكىسىگە يېقىن جايدا يول بويى بومبىسى ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان، 3 ماشىنا زەخىمگە ئۇچرىغان، خادىملارنىڭ ئۆلۈش ۋە يارىدار بولۇشى كۆرۈلمىگەن. سۇرىيە ئۆكتىچىلىرىنىڭ دېيىشىچە، سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيىسى ئىدلىب ئۆلكىسىنىڭ خان شەيخھون يېزىسىدا دەپنە قىلىۋاتقان ئاممىغا ئوق چىقىرىپ، 23 ئادەمنى ئېتىپ تاشلىغان، تەخمىنەن 100 ئادەم يارىدار بولغان.
ب د ت نىڭ باش كاتىپ باياناتچىسى نيۇيوركتىكى باش شىتابىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلار يىغىنىدا بۇ قېتىمقى پارتلىتىش ھۇجۇمىنى ئەيىبلىگەن.
(نەپرەت)

شىمالىي كورىيە 29 نەپەر جۇڭگولۇق بېلىقچىنى تۇتۇۋالدى
شىمالىي كورىيە 29 نەپەر جۇڭگولۇق بېلىقچىنى تۇتۇۋالدى

جۇڭگو تور تېلېۋىزىيىسىنىڭ 16-ماي خەۋىرى: يېقىندا بەزى ئاخباراتلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگونىڭ 3 بېلىقچىلىق كېمىسى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى جۇڭگونىڭ دېڭىز ساھەسىدە بېلىق تۇتۇۋاتقاندا، سالاھىيىتى نامەلۇم شىمالىي كورىيەلىكلەر 29 نەپەر جۇڭگولۇق بېلىقچىنى تۇتۇۋالغان، شىمالىي كورىيە تەرەپ 1 مىليون 200 مىڭ قويۇپ بېرىش پۇلى تەلەپ قىلغان. 5-ئاينىڭ 16-كۈنى، جۇڭگو دېپلوماتىيە مىنىستىرلىكى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، جۇڭگونىڭ بېلىقچىلىق كېمىسىنى تۇتۇپ قېلىنغانلىق ۋەقەسىنى يەنىمۇ ئىلگىرلەپ دەلىللەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بەزى ئاخباراتلارنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، قېچىپ چىققان جاڭ فامىلىك بېلىقچىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 5-ئاينىڭ 8-كۈنى سەھەر سائەت 4:30 دا، ئۇلار جۇڭگونىڭ دېڭىز ساھەسىدىكى شەرقىي ئۇزۇنلۇق 123 گىرادۇس 57 مىنۇت، شىمالىي كەڭلىك 38 گىرادۇس 05 مىنۇتتا بېلىق تۇتۇۋاتقاندا، سالاھىيىتى نامەلۇم كىشىلەر كېمىنى ئېلىپ كەتكەن، كېمىدىكى 10 نەپەر بېلىقچى تۇتۇپ قېلىنغان. 5-ئاينىڭ 8-كۈنى چۈشتىن كېيىن، باشقا ئىككى كېمە ئوخشاش دېڭىز ساھەسىدە بىر توپ كىشى ئۇلارنى مەجبۇرلۇق بىلەن يالاپ ئېلىپ كەتكەن، ھازىرغا قەدەر ئۈچ كېمىدىكى 29 نەپەر بېلىقچىنىڭ ئىز دېرىكى يوق ئىكەن.
شۇ كۈنى قېچىپ چىققان بېلىقچى دالىيەن شەھەرلىك دېڭىز ساقچى تارماق ئەترىتى، دەندوڭ شەھەرلىك دېڭىز ساقچى تارماق ئەترىتى، شېنياڭ قوراللىق ساقچى چېگرا مۇداپىئە باش ئەترىتى قاتارلىق ئورۇنلارغا دېلو مەلۇم قىلغان، ھەر قايسى تارماقلار بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
5-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ ۋاقتى سائەت  8:50 دە، كېمىدىكى تۇتقۇنلار سالاھىيىتى نامەلۇم كىشىلەرنىڭ سۈنئىي ھەمرا تېلېفۇنى ئارقىلىق دېيىشىچە، بېلىقچىلىق كېمىسى شىمالىي كورىيەنىڭ دېڭىز ساھەسىگە ئېلىپ كېلىنگەن، تۇتۇپ قېلىنغان ئۈچ كېمە ئۈچۈن ھەر بىرىگە 400 مىڭ يۈەندىن، جەمئىي 1 مىليون 200 مىڭ يۈەن بەرگەندە ئاندىن كېمە ۋە ئادەملەرنىڭ قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
(نەپرەت)

ئىئوردانىيەدىكى ھەربىي مانىۋېر ھېچقايسى دۆلەتكە قارىتىلمىغان
ئىئوردانىيەدىكى ھەربىي مانىۋېر ھېچقايسى دۆلەتكە قارىتىلمىغان

جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 15-ماي خەۋىرى: چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا ۋە ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 19 دۆلەت 5-ئايدا ئىئوردانىيەدە كەڭ كۆلەملىك بىرلەشمە ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزدى، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ كوماندىرى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى بۇ قېتىمقى مانىۋېرنىڭ قوشنا دۆلەت سۇرىيەگە تەھدىت پەيدا قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا ئالاھىدە ھەرىكەت كومادىرى كېن توۋو (Ken Tovo) گېنرالنىڭ دېيىشىچە، بۇ قېتىمقى مانىۋېرنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى ئىئوردانىيە بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانى ئەسكەرلىرىنىڭ مۇساپىرلارنى بىر تەرەپ قىلىش، تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىستراتىگىيىسى ۋە ئەسكەتچىلىك كېمىلىرىنى توسۇش ۋەزىپىلىرىنى ئىجرا قىلىش مەشىقى قىلدۇرۇش ئىكەن.

كېن توۋو ئىئوردانىيە پايتەختى ئامماندا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، بۇ قېتىمقى مانىۋېرنىڭ رېئال دۇنيادا يۈز بەرگەن ھەر قانداق ۋەقە بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوقلىقىنى ئېيتقان.
ئىئوردانىيە ئارمىيىسىنىڭ تەربىيلەش ۋەزىپىسىگە مەسئول گېنرال ئاۋنى ئېدۋان (Awni Edwan) نىڭ دېيىشىچە، مانىۋېر ئىئوردانىيەنىڭ جەنۇبىدا ئۆتكۈزۈلگەن، شىمالدىكى سۇرىيە چېگرىسىغا يېقىنلاشمايدىكەن.
بۇ قېتىمقى مانىۋېر 5-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن باشلانغان بولۇپ، 28-مايغىچە داۋاملىشىدۇ. ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرى (ئىسرائىلىيە بىلەن ئىراننىڭ ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)، ئامېرىكا، ياۋروپا، ئاۋسترالىيە، پاكىستان ۋە برۇنېي قاتارلىق 19 دۆلەتنىڭ 11 مىڭدىن كۆپ ئەسكىرى مانىۋېرغا قاتناشقان.
(نەپرەت)
ئامېرىكا ۋە ئىئوردانىيە قاتارلىق 17 دۆلەت 5-ئايدا كەڭ كۆلەملىك بىرلەشمە ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزىدۇ

ئامېرىكىنىڭ بىر يادرولۇق سۇ ئاستى پاراخوتى فىلىپپىننىڭ شىمالىغا توختىتىپ قويۇلدى
ئامېرىكىنىڭ بىر يادرولۇق سۇ ئاستى پاراخوتى فىلىپپىننىڭ شىمالىغا توختىتىپ قويۇلدى

جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 15-ماي خەۋىرى: فىلىپپىن ئارمىيىسى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ بىر يادرولۇق سۇ ئاستى پاراخوتى يېقىندا «ماددىي ئەشيا تولۇقلاش» ئۈچۈن فىلىپپىننىڭ شىمالىدىكى سۇبىك قولتۇقىغا توختىتىپ قويۇلغان.
فىلىپپىن ئارمىيىسىنىڭ باياناتچىسى 15-ماي سىرتقا ئېلان قىلغان ئۇچۇردا دېيىلىشىچە، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ «شىمالىي كارولىنا» ناملىق يادرولۇق سۇ ئاستى پاراخوتى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى سۇبىك ئەركىن پورتىغا يېتىپ كەلگەن، ئاساسىي ماددىي ئەشيالارنى تولۇقلاش ۋەزىپىسىنى تاماملاپ بولغاندىن كېيىن، 5-ئاينىڭ 19-كۈنى كېتىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن.
سۇبىك قولتۇقى پايتەخت مانىلاغا 100 كىلومېتىر كېلىدىغان، ئۈچ ئەتراپى تاغ بىلەن قورشالغان، تەبىئىي ياخشى پورت، ئامېرىكا ئۇزۇن مۇددەت دېڭىز ئارمىيە بازىسى قىلغان. 1992-يىلى ئامېرىكا ئارمىيىسى چېكىنگەندىن كېيىن سۇبىك قولتۇقى ئىقتىسادىي ئېچىۋېتىش رايونى ۋە ئەركىن پورت قىلىنغان. فىلىپپىن دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ باياناتچىسى تەكىتلەپ، ئامېرىكىنىڭ بۇ سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ سۇبىك قولتۇقىغا توختىتىپ قويۇلىشى بىلەن فىلىپپىن ۋە جۇڭگونىڭ سكاربورگ شوئال ئارىلى (خەنزۇچە خۇاڭيەن ئارىلى دېيىلىدۇ) دېڭىز ساھەسىدە داۋاملىشىۋاتقان تىركىشىش ۋەقەسى بىلەن «قىلچە مۇناسىۋىتى يوق» لىقىنى، پەقەت بىر قېتىملىق «نورمال توختىتىپ قويۇش» ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
ماتىرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە،  «شىمالىي كارولىنا» ناملىق يادرولۇق سۇ ئاستى پاراخوتى «ۋېرگىينىيە» دەرىجىسىدىكى ھۇجۇمچى سۇ ئاستى پاراخوتى بولۇپ، 2008-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى رەسىمىي ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىغان.
(نەپرەت)

ئىسرائىلىيە 100 پەلەستىنلىك شېھىدنىڭ سۆڭىكىنى قايتۇرۇپ بېرىدۇ
ئىسرائىلىيە 100 پەلەستىنلىك شېھىدنىڭ سۆڭىكىنى قايتۇرۇپ بېرىدۇ

خەلقئارا لىنىيە تورىنىڭ 15-ماي خەۋىرى: سېنگاپور «بىرلەشمە سەھەر گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە «دۆلەت زېمىن گېزىتى» تورى  شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياخۇ 14-ماي ئىسرائىلىيەدىكى تەخمىنەن 100 نەپەر پەلەستىنلىك شېھىدنىڭ جەسەت سۆڭىكىنى پەلەستىن مىللىي ھوقۇقلۇق ئورگىنىغا تاپشۇرۇپ بېرىشكە قوشۇلغان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، پەلەستىن پرېزىدېنتى ئابباس 5-ئاينىڭ 12-كۈنى كەچ نېتانياخۇنىڭ سىياسىي مەسلىھەتچىسى موللېر باشچىلىقىدىكى ئىسرائىلىيە ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى ئۆمىكى بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، ئىسرائىلىيەگە پەلەستىنلىكلەرنىڭ جەسەت سۆڭىكىنى قايتۇرۇپ بېرىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان. خەۋەردە ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنىڭ سۆزىنى نەقىل قىلىشىچە، «ئىشەنچ تۇرۇغۇزۇپ پەلەستىن ئىسرائىلىيە تىنچلىق سۆھبىتىنى قايتا باشلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن»، نېتانياخۇ ئابباسنىڭ تەلىپىگە ماقۇل بولۇپ، تەخمىنەن 100 نەپەر پەلەستىنلىك شېھىدنىڭ جەسەت سۆڭىكىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى قارار قىلغان.
ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئىسرائىلىيە ئەمەلدارى دېيىشىچە، ئابباس ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشكەندە ئىسرائىلىيە قاماقتىكى پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئاچلىق ئېلان قىلىشىنى ئاخىرلاشتۇرىشىغا ياردەم بېرىش؛ ئىسرائىلىيەگە دەپنە قىلىنغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ جەسىتىنى قايتۇرۇپ بېرىش؛ قاماقتىكى پەلەستىنلىكلەرنى قويۇپ بېرىشتىن ئىبارەت 3 شەرتنى ئوتتۇرىغا قويغان. نېتانياخۇ ئالدىنقى ئىككى شەرتكە ماقۇل بولغان.
ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى بۇلتۇر پەلەستىنگە پەلەستىن شېھىدلىرىنىڭ جەسەت سۆڭىكىنى قايتۇرۇپ بېرىشكە قوشۇلغان، ئەمما ھۇجۇمغا ئۇچىرىغان ئىسرائىلىيەلىكلەر ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ بېسىمى بىلەن قارارىنى ئۆزگەرتكەن.
(نەپرەت)

ئىران يادرو ئالىمىنى قەستلىگەن جىنايەتچىنى دارغا ئاستى
ئىران يادرو ئالىمىنى قەستلىگەن جىنايەتچىنى دارغا ئاستى

مەجىد جامال فاشى
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 15-ماي خەۋىرى: چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىران تەپتىش مەھكىمىسى بىلدۈرۈشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئېۋىن (Evin) تۈرمىسىدە، 2010-يىلىدىكى يادرو فىزىكا ئالىمىنى قەستلەشكە چېتىشلىق جىنايەتچىنى دارغا ئاسقان، مەزكۇر جىنايەتچى ئىسرائىلىيەنىڭ جاسۇسى دەپ ئەيىبلەنگەن.
ئىگىلىنىشچە، مەجىد جامال فاشى ئىسرائىلىيە ئاخبارات ئورگىنى موسادنىڭ جاسۇسى بولۇپ، ئىران يادرو ئالىمى مەسئۇد ئەلى مۇھەممەدىنى قەستلەشكە قاتناشتى، دەپ ئەيىبلەنگەن ھەمدە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن. ئۇ يەنە ئىسرائىلىيە جاسۇسلۇق ئورگىنى بىلەن تىل بىرىكتۈردى ھەمدە مەخپىي ئاخباراتلارنى ئاشكارىلىدى، دېگەن جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەنگەن.
2010-يىلى 1-ئايدا، ئىران يادرو فىزىكا ئالىمى مەسئۇد ئەلى مۇھەممىدى ئىشىكتىن چىققاندا، ئۇنىڭ پىكاپى يېنىغا توختىتىپ قويۇلغان موتسىكلىت پارتلىغان، ئۇ پارتلاشتا ھاياتىدىن ئايرىلغان.
(نەپرەت)

تىنچلىق ساقلاش قىسىمى كونگودا ھۇجۇمغا ئۇچرىدى
تىنچلىق ساقلاش قىسىمى كونگودا ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 15-ماي خەۋىرى: چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ 5-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى بايانات ئېلان قىلىپ، كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى (كونگو كىنشاسا) دىكى تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرىغا قارىتىلغان ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلىگەن، بۇ ھۇجۇمدا ئاز دېگەندە 11 نەپەر پاكىستان تىنچلىق ساقلاش ئەسكىرى ئېغىر يارىدار بولغان.
باياناتتا دېيىلىشىچە، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەر بۇ قېتىمقى ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ جىنايەتچىلەرنى دەرھال قانۇننىڭ جازاسىغا تارتىشىنى دەۋەت قىلغان.

5-ئاينىڭ 14-كۈنى، ب د ت نىڭ كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدىكى مۇقىملىق ساقلاش ئالاھىدە ئۆمىكىنىڭ جەنۇبىي كىۋۇ (South Kivu ) شىتاتىنىڭ بۇنياكىرى ( Bunyiakiri ) رايونىدا تۇرۇشلۇق بازىسىنى تەخمىنەن 1000 ئادەم قورشىۋالغان، قىسمەن قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەر تىنچلىق ساقلاش قىسىمىغا ئوق چىقارغان ۋە تاش ئاتقان، 7 ئادەم ئوق تېگىپ يارىدار بولغان، باشقا نەچچە ئادەمگە تاش تېگىپ يارىدار بولغان.
ب د ت كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى مۇقىملىق ساقلاش قىسىمى 1999-يىلى قۇرۇلغان، نۆۋەتتە تەخمىنەن 19 مىڭ تىنچلىق ساقلاش خادىمى كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدە ۋەزىپە ئىجرا قىلماقتا.
(نەپرەت)

جۇڭگو ئەنگىلىيە باش ۋەزىرلىرىنىڭ دالاي لاما بىلەن كۆرۈشكەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈردى
جۇڭگو ئەنگىلىيە باش ۋەزىرلىرىنىڭ دالاي لاما بىلەن كۆرۈشكەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈردى

جۇڭگو رادىئو تورىنىڭ 15-ماي خەۋىرى: ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى كامېيرون ۋە مۇئاۋىن باش ۋەزىرى كلېگلار 5-ئاينىڭ 14-كۈنى لوندوندا بىرلىكتە دالاي لاما بىلەن كۆرۈشكەن. جۇڭگو دېپلوماتىيە مىنىستېرلىكىنىڭ باياناتچىسى خوڭلېي 5-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى مۇخبىرلار يىغىنىدا بىلدۈرۈشىچە، ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى جۇڭگونىڭ كۆپ قېتىم ئارىلىشىشىغا پىسەنت قىلماي، قەستەن باش ۋەزىر كامېيرون قاتارلىقلار ئەنگىلىيە رەھبەرلىرىنى دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈشكە ئورۇنلاشتۇرغان. بۇ جۇڭگونىڭ ئىچكى سىياسىيسىغا قاتتىق ئارىلاشقانلىق بولۇپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ھېسىياتىغا ئازار بەرگەنلىك، «تىبەت مۇستەقىللىقى» كۈچلىرىگە خاتا سىگنال بەرگەنلىك بولۇپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن قاتتىق نارازى بولغان ۋە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. جۇڭگو دېپلوماتىيە مىنىستېرلىكى ۋە جۇڭگونىڭ ئەنگىلىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىگە قاتتىق ئارىلىشىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
(نەپرەت)